Discover

Topics

QuranKerim

QuranKerim APK

QuranKerim APK

5.4 Freeewlat.net ⇣ Download APK (29.35 MB)

قۇرئان كەرىم ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز

What's QuranKerim APK?

QuranKerim is a app for Android, It's developed by ewlat.net author.
First released on google play in 6 years ago and latest version released in 8 months ago.
This app has 6.3K download times on Google play and rated as 4.40 stars with 248 rated times.
This product is an app in Education category. More infomartion of QuranKerim on google play
«قۇرئان كەرىم» ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
«قۇرئان كەرىم» ئەپ دېتالى لايىھەسى كۆركەم، مەزمۇنلىرى مول ۋە قوللىنىشچان ئەپ دېتال بولۇپ، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە:

- باشقا تىللاردىكى قۇرئان كەرىم ئەپ دېتاللىرىدىكى ئارتۇقچىلىقلاردىن ئۆرنەك ئالغان ئاساستا يېڭىدىن ۋە ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن؛
-ئەپ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈز تىلى كۆپ تىللىق بولۇپ، 20 دىن ئارتۇق تىلدا ئىشلىتەلەيسىز؛
-خەتمىقۇرئان سەھىپىسى قوشۇلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن خەتمىقۇرئان ئۆتكۈزەلەيسىز؛
-مەدىنە، پاكىستان ۋە تۈركىيە خەت نۇسخا سەھىپىلىرى؛
-تۆت خىل ئۇيغۇرچە تەرجىمە؛
- ھەر خىل تىللاردىكى تەرجىمىلەر. تەرجىمىلەرنى ئايرىم ئوقۇش، سېلىشتۇرۇپ ئوقۇش ۋە ھەمبەھرىلەش ئىقتىدارى؛
- تىلاۋەت سەھىپىسىگە ئۇيغۇر قارىيلارنىڭ تولۇق تىلاۋىتىدىن بەش كىشىنىڭ، باشقا خەلقئارالىق مەشھۇر قارىيلارنىڭ تىلاۋەتلىرىدىن 35 كىشىنىڭ تىلاۋىتى قوشۇلغان بولۇپ، تىلاۋەتلەرنى چۈشۈرۈۋېلىپ تورسىز مۇھىتتىمۇ ئاڭلىغىلى بولىدۇ؛
-يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مۇسھەف مۇئەللىم؛
-ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ 5 خىل ئاۋازلىق نۇسخىسى؛
-باشقا تىللاردىكى تەرجىمىلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىلىرى؛
- ئۇيغۇرچە تەرجىمە تەپسىردىن ئۈچ پارچە. 10 پارچىغا يېقىن ئەرەبچە تەپسىر؛
-ئايەتلەرنى تەرجىمىسى بىلەن بىرلىكتە رەسىملىك ھەمبەھرىلەش؛
-زىكىر ۋە دۇئا سەھىپىسى. دۇئالارنى تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ رەسىم شەكلىدە ھەمبەھرىلەش ئىقتىدارى؛
-رەسىملىك تەبرىك، دۇئا يوللاش سەھىپىسى؛
-قۇرئاندىكى تېمىلار سەھىپىسى؛
-كېچە ۋە كۈندۈز كۆرۈنۈش تەڭشىكى؛
-ئايەت ياكى مەلۇم بىر تەرجىمىدىن ئىزدەش ئىقتىدارى؛
- سۈرە، بەت ۋە پارە ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلدى، سۈرىلەرنىڭ مەككە ياكى مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى كەبە ۋە مەدىنە رەسىملىرى ئارقىلىق ئىپادىلەندى؛
-سىن سەھىپىسىگە ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان قۇرئان ساۋاتى چىقىرىش ۋە تەجۋىد ئۆگىنىش دەرسلىرى قوشۇلدى؛
-مەدىنە نۇسخىسىغا سەئدۇلغامىدى تىلاۋىتى بىلەن ئەۋلاد گۇرۇپپىسى ئاۋازغا ئالدۇرغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ئايەتمۇئايەت كىرىشتۈرۈلگەن نۇسخىسى قوشۇلدى، قۇرئان كەرىم تېكىستىنى ئوقۇغاچ ئاڭلىيالايسىز؛

بۇ ئەپ دېتالنىڭ پۈتۈپ چىقىشىدا بىزنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان بارلىق قېرىنداشلارغا، خۇسۇسەن لايىھەلەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن كېچىسىنى كۈندۈزىگە ئۇلاپ ئىشلىگەن داۋۇت كاككۇك قېرىندىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
ئۇلۇغ ئاللاھتىن بۇ ئەسەرنى سەدىقە جارىيە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىنى ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن بولغان رىشتىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتمەسلىكىگە، كىتابۇللاھنىڭ داۋاملىق ئوقۇلۇپ، چۈشىنىلىپ، ئەمەل قىلىنىشىغا ۋەسىلە قىلىپ بېرىشىنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ئەۋلاد گۇرۇپپىسى